ئامېرىكا خىتاي تەھدىتىگە قارشى تىنچ ئوكياندا ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.02.15

«جەنۇبىى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 14-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا غەربىي تىنچ ئوكيانغا 5 دانە ئاۋىياماتكا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايغا كۈچ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان فىلوتى كالىفورنىيەنىڭ سان-دىياگودىكى پورتىدىن يولغا چىققان ۋە 5-فېۋرالدىن باشلاپ غەربىي تىنچ ئوكيانغا قاراپ يول ئالغان. بۇ ھەرىكەت «دېڭىز-ئوكياننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ۋە جەڭگە تەييارلىق قىلىش» نى مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە بېرىلگەن ئانالىزغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتىشى، ئامېرىكانىڭ ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىش، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەگە ئوخشاش تەھدىتكار دۆلەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئامېرىكا ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەشغۇل بولۇۋاتسىمۇ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇش قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئايدا تەيۋەندە «دېموكراتىك ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ باشلىقى لەي چىڭدې پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان، تەيۋەن بوغۇزىدا خىتاي ئارمىيەسى كۆرۈنەرلىك پائالىيەت كۆرسەتمىگەن بولمىسىمۇ، ئەمما كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە بۇ ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇنىڭغا قارىتا ھەر ۋاقىت ھوشيار ھالەتتە بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.