ئامېرىكا خىتاينىڭ خۇاۋېي گۇرۇھىغا جازا بېرىشنى ئويلاشماقتا

«بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خۇاۋېي گۇرۇھىغا باغلىنىشلىق بولغان بىر تۈركۈم يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى شىركەتلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە، مىكرو ئۆزەك (چىپ) ئىشلەپچىقىرىدىغان چىڭداۋ سىئېن (Qingdao Si'En) ، سىۋاي شور (SwaySure) ، شېنجېن پېنسۇن تېخنىكا گۇرۇھى (Pensun Technology Co) نىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان چاڭشىن تېخنىكا شىركىتىگە ئېمبارگو قويماقچى ئىكەن.

«رۇيتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2019-يىل خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارىلىپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان بولۇپ، 2020-يىل 9-ئايدا خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى خەلقئارا شىركىتىمۇ خىتاينىڭ ھەربىي سانائىتىگە ياردەم بەرگەن دەپ قارىلىپ چەكلىمىگە ئۇچرىغان.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇ شىركەتلەرگە تېخنىكا تەمىنلەيدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىشقا بۇيرۇغان. ھالبۇكى، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇلارنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدىغان نەچچە مىليارد دوللارلىق مەھسۇلات سېتىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن.

بۇ سەۋەب بىلەن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتايغا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشتا يەنىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغانىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ خۇاۋېينىڭ G5 ئىنتېرنېت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىققا ئەڭ ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.