پرېزىدېنت ئوباما خىروشىمانى زىيارەت قىلىپ، ئاتوم بومبىسىدا ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما جۈمە كۈنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما ئارىلىنى زىيارەت قىلىپ، 1945‏-يىلى ئاتوم بومبىسىدا ئۆلگەن خىروشىمالىقلارغا تەزىيە بىلدۈردى. پرېزىدېنت ئوباما خىروشىمانى زىيارەت قىلغان تۇنجى ھوقۇقتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما جۈمە كۈنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما ئارىلىنى زىيارەت قىلىپ، 1945‏-يىلى ئاتوم بومبىسىدا ئۆلگەن خىروشىمالىقلارغا تەزىيە بىلدۈردى. پرېزىدېنت ئوباما خىروشىمانى زىيارەت قىلغان تۇنجى ھوقۇقتىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى.

ئۇ خىروشىما ئاتوم بومبىسىدا ئۆلگەنلەر خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ھەم بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلەپ، دۇنيانى «تارىخنىڭ يېقىن ئۆتمۈشىدە يادرو قورالى قويۇپ بەرگەن ئۇ قورقۇنچلۇق ئېنېرگىيەدىن ساۋاق ئېلىش» قا چاقىردى.

ئوباما: «بىز ئۆلگەنلەرگە، جۈملىدىن 100 مىڭدىن ئارتۇق ياپونىيەلىك ئەر، ئايال، بالىلارغا، مىڭلىغان كورېيەلىك ۋە تۈرمىدىكى ئون نەچچە ئامېرىكىلىققا تەزىيە بىلدۈرۈشكە كەلدۇق. ئۇلارنىڭ روھىي بىزگە خىتاب قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئوباما يەنە، ھەر قايسى تەرەپلەرنى تارىخىي مەسئۇلىيىتى بىلەن يۈزلىشىپ، بۇ پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن قانداق ساقلىنىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىردى. بىراق ئوبامانىڭ خىروشىما زىيارىتى خىتاينى بىئارام قىلغان.

جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، «خىروشىماغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەمما نەنجىڭنى ئۇنتۇپ قېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1937‏-يىلى ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭنى ئىشغال قىلغاندا 300 مىڭ خىتاينى ئۆلتۈرگەنلىكىنى داۋا قىلىپ كەلگەن. ئەمما ياپونىيەلىك بەزى سىياسىيونلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر نەنجىڭدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى گۇمانلىق، دەپ قاراپ كەلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئوبامانىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشىنى، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىنى، يادرو قوراللىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشتە ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org