ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىشىگە بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر ئەگىشىۋاتقاندا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە قانداق مەۋقەدە بولۇشى جامائەتنىڭ دىققىتىدە بولۇشقا باشلىدى.
16-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتونغا خىزمەت زىيارىتىگە كەلگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئاقسارايدا ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ رەسمىي سۆھبىتى باشلاندى. ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە قايسى مەزمۇنلارنىڭ ئورۇن ئالغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بىردەك «رەقىب» دەپ قارايدىغان بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى كۆپلىگەن ئانالىزچىلار خىتايغا قايتۇرۇلغان تىۋىشسىز جاۋاب، دەپ قارىماقتىكەن.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىىشچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىزنىڭ تەلىپىمىزگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى، بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشتەك قىلمىشلاردىن نېرى تۇرۇشى لازىم» دېگەن. ئانالىزچىلار بۇ يەردىكى «ئىچكى ئىشلار» دېگەننىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ.
نۆۋەتتە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە قانچىلىك ئورۇن ئېلىشى نامەلۇم بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۆپلىگەن يىرىكلىكنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئانالىزچىلار «بۇ مەسىلىلەر ھېچ بولمىغاندا مۇزاكىرە تېمىلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن» دېيىشمەكتىكەن.