ماتتىس: «ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى ئاسىيا تىنچلىقىنىڭ ئاساسى!»

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس 29-ئىيۇن كۈنى توكيودىكى زىيارىتىدىن كېيىن «ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى ئاسىيا رايونىدىكى تىنچلىقنىڭ ئاساسى. ۋاشىنگتون بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىستەيدۇ،» دېگەن.

فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ماتتىس بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر رايون ھەققىدىكى «كۈچلۈك ھەمكارلىق ئاساسىدىكى مۇداپىئە پوزىتسىيەسى» نى يوقاتماسلىققا چاقىرغان. شۇنىڭدەك ياپونىيە تەرەپكە «بىزنىڭ ئىتتىپاقىمىز ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ تۈپ ئاساسى،» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ھەققىدە سورالغاندا ماتتىس «بىز پەقەت دىپلوماتلىرىمىزنىڭ مەسىلىنى تىنچلىق شەكلىدە ھەل قىلىشىغا سورۇن تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈنلا ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق،» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا كورېيە يېرىم ئارىلى ھەققىدىكى سۆھبەت داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدە زېمىن داۋاسى قىلىۋاتقان ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تور بېتىدىكى «تەيۋەن» دېگەن نامنى «خىتاي تەيۋەن» دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ھەققىدە بۇنداق كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇشى خىتاينى بىئارام قىلماقتا ئىكەن.