ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې دۈشەنبە كۈنى توكيودا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورېيەگە تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشنى، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قوغداشنى، ئەركىن ۋە ئېچىۋېتىلگەن «ھىندى -تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.
پرېزىدېنت ترامپ بىلەن شىنزو ئابې دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت سېلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيەنى قوراللاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ياپونىيە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ 11-12 كۈنلۈك ئاسىيا زىيارىتىنىڭ 1-بېكىتى بولۇپ، ئۇ ياپونىيەدىن كېيىن جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ بىلەن شىنزو ئابې يەنە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ، شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پرېزىدېنت ترامپ 4-نويابىر ياپونىيەگە يېتىپ بارغان. ئۇ شۇ كۈنى ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدىكى يوكوتا ھەربىي بازىسىغا قونۇپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا، «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئەركىنلىكنى قوغداشقا تەييار، دىكتاتۇرلار ئامېرىكانىڭ ئىرادىسىنى سەل چاغلىمىسۇن» دېگەن ئىدى.
ياپونىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىككى تەرەپنىڭ يەنە «ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستىراتېگىيەسى» نى قۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستىراتېگىيەسى» پىكرىنى 2016-يىلى شىنزو ئابې ئوتتۇرىغا قويغان. ئانالىزچىلار، بۇ ئىستراتېگىيە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرلۇشىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قاراشقان ئىدى.
