ئاسىيا سەپىرىنى باشلىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياپونىيەدىكى زىيارىتى ئاياغلىشىش ئالدىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكادىن «زور» مىقداردا ھەربىي قورال سېتىۋېلىشقا ئۈندىگەن.
«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيەدىن كېلىۋاتقان يادرو تەھدىتى ئېشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن پرېزىدېنت دونالد ترامپ ياپونىيە باش ۋەزىرى شېنزو ئابېنى ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىشقا، شۇنىڭدەك شىمالىي كورېيە ئاتقان يادرولۇق بومبىلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
شېنزو ئابېمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكادىن تېخىمۇ ئىلغار بولغان ھەربىي ئايروپىلان سېتىۋېلىش ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ يادرو مۇداپىئە سىستېمىسىنى يېڭىلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز جەزمەن ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە قۇۋۋىتىنى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادىن تېخىمۇ كۆپ قورال سېتىۋېلىشىمىز لازىم» دېگەن.
«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياپونىيە باش ۋەزىرى شېنزو ئابې بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا ئىلگىرىكىدەك «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان» ئاتالغۇسىنىڭ ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا «ھىندى-تىنچ ئوكيان» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەن. ئانالىزچىلار بۇنى «ئامېرىكانىڭ خىتاينى مەركەز قىلغان ئاسىيا چۈشەنچىسىدىن ھىندىستانغا مايىل بولۇشقا بۇرۇلغانلىقنىڭ ئىنكاسى» دەپ قارىماقتا ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، دونالد ترامپ 8-نويابىر كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىكەن.
