ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن 10-ئاپرېل كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنى دۆلەت زىياپىتى بىلەن كۈتۈۋالغان.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوۋ بايدىن ئامېرىكانىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ «ئوخشاش قىممەت قاراشقا ئىگە بولغان ئىككى دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك كۈچلۈكلۈكىنى» بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ھەمدە خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان، شۇنداقلا ئۇچرىشىشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھالقىلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 نەچچە تۈر بويىچە ھەمكارلىق تۈرى ئېلان قىلىنغان. ئۇلار، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ «ھەربىي سانائەت كېڭىشى» قۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە قوراللىرىنى ھەمكارلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش؛ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بۈگۈن يەنى، 11-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس جىر قاتارلىقلار بىلەن ئاق سارايدا 3 تەرەپلىك سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ دېڭىزنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە بولىدىكەن. بۇ ئۇچرىشىش خىتايغا بېرىلگەن ئوچۇق سىگنال بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۇلار فىلىپپىندىكى پورت، تۆمۈر يول، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق «يۇقىرى ئۈنۈملۈك» تۈرلەرنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ھەمدە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى قارارلارنى ئېلان قىلىدىكەن.
