ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدىكى ئەڭ ھالقىلىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئەنگلىيەنىڭ «توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى ژۇرنىلى» (Ecotextile) 20-فېۋرال كۈنى ئېلان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمى خىزمەت گۇرۇپپىسى» نىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
2023-يىل 1-ئايدا ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاترىنا تەي (Katherine Tai) بىلەن ياپونىيە مالىيە ۋەزىرى نىشىمۇرا ياسۇتوشى (Nushimura Yasutoshi) بىرلىكتە ئىمزالىغان كېلىشىمدىن كېيىن قۇرۇلغان «تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمى خىزمەت گۇرۇپپىسى» ئۆتكەن يىل ئىش باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تاشقى سودا سىياسىتى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ئىكەن.
ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز 14-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دۇنيادىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 5 تىن بىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
