ئامېرىكادىكى يەھۇدىي دىنىي ئۆلىماسى ئامېرىكا «بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى» نى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.02.12

ئامېرىكالىق يەھۇدىي دىنىي ئۆلىماسى، مائارىپچى، يازغۇچى ۋە پائالىيەتچى رابباي شمۇلىي يانكلوۋىتىز (Shmuly Yanklowitz) 9-فېۋرال «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا «بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى» نى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

رابباي يانكلوۋىتىز بۇ چاقىرىقىنى خوندا، خيۇنداي، تويوتا، مازدا، مېرسىدېس، BMW، تېسلا، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق 13 ئاپتوموبىل شىركىتىدىن مىڭلىغان ئىشچىنىڭ «بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى» غا ئەزا بولۇشنى قارار قىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان. شمۇلىي يانكلوۋىتىزنىڭ «بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلالايدۇ» ماۋزۇلۇق چاقىرىقىدا مۇنداق دېيىلگەن: «سىلەر ئىشلەۋاتقان ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ مۇنداق بىر ئورتاق نۇقتىسى بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن ئالاقىسى بار. مەن سىلەردىن، ‹بىرلەشمە ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسى› دىكى كۈچۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مەجبۇرىي ئەمگىكى شىركىتىڭلار تەرىپىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشىڭلارنى سورايمەن.»

رابباي يانكلوۋىتىزنىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدىكى بۇ چاقىرىقى ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە خىمىيە سانائىتى ماگناتى بولغان BASF شىركىتى «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى» بىلەن بولغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىككى شېرىكچىلىك تۈرىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغان، ئەمما ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقىماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق تىركىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئىدى. شمۇلىي يانكلوۋىتىز چاقىرىقىدا يەنە ئۆزىنىڭ شەخسىي ھاياتى نۇقتىسىدىن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆز ئائىلە ئەزالىرىغا نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قانچە ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنى سۆزلەشنىڭ يۇمشاق بىر يولى يوق: خىتاي كومپارتىيەسى تۇغماس قىلىش، ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىش، سىستېمىلىق تەن جازاسى ۋە جىنسىي زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرىگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئامېرىكادا سېتىلغان ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ زاپچىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىلماقتا.»

شمۇلىي يانكلوۋىتىزنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادا ھېچكىمنىڭ قولى پاك-پاكىز بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە «ھەرقانداق بىر ئورتاق ئىنسانلىق سىزىقىدىن ھالقىپ كېتىلگەن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.