ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.12.20

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ھاۋا ھۇجۇمى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. مانېۋىرغا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى قاتناشقان بولۇپ، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان. قىزىقارلىق يېرى، بۇ دەل شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى ئۆتكەن بەش ئاي ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان راكېتا سىنىقىنى باشلىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، شىمالىي كورېيەدىن كېلىۋاتقان يادرو قوراللىرى تەھدىتى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرغا سەۋەب بولغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولغان قالغان. شۇنداقلا بۇ ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئېھتىياجىمۇ بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان. مانېۋىردا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى B-1B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئۇچۇرغان بولۇپ، بۇ تىپتىكى ئايروپىلان ئادەتتە غايەت زور ھەجىمگە ئىگە يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن.

ئەمما شىمالىي كورېيە تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يۈز قېتىمغا يېقىن راكېتا سىناقلىرىنى «بوسۇغىمىزغا كېلىۋالغان دۈشمەن كۈچلەرگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش» دەپ كەلگەنلىكى مەلۇم. شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ئەگەر ئامېرىكا بىزگە قارشى خاتا قارار ئالسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويدۇق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ  B-1B تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ 13-قېتىم كورېيە يېرىم ئارىلى ئاسمىنىدا ئۇچۇشى بولۇپ، ئىلگىرى شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ كورېيە ھاۋا بوشلۇقى ئەتراپىدا ئۇچۇشىنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ ئىسپاتى» دېگەن ھەمدە بۇنىڭغا قارشى راكېتا سىنىقى قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.