«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى: «بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن دەيدىغان سوئال يوق»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش ۋە قاتتىق تەقىب سىياسەتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى شۇ يەردىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئەينەن يورۇتۇپ بەرگەن.

«نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇخبىر پائۇل موزۇر قەشقەر شەھىرىدە تۆت كۈن زىيارەتتە بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا يەتتە نەپەر خىتاي ساقچىسى ئىزچىل ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن. 

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پائۇل موزۇر يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھالبۇكى خىتاي ساقچىلار بۇنىڭغا توسالغۇلۇق قىلغان. ئۇلار ئۇنى «تەكشۈرۈش پونكىتلىرى» دا توختىتىپ، قول-تېلېفونلىرىنى تەكشۈرگەن ۋە ئىچىدىكى رەسىم ۋە سىن-كۆرۈنۈشلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق يەرگە بېرىش ئۈچۈن، چوقۇم «تەكشۈرۈش پونكىتى» دىن ئۆتىشى شەرت ئىكەن. بۇ خىل پونكىتتا بىر «يېشىل يول» بار بولۇپ، بۇ يول مەخسۇس ساياھەتچىلەر ۋە خىتاي ئاھالىلەر ئۈچۈن ياسالغان ئىكەن، ئۇلار كىملىكسىز ئۆتۈپ كېتەلەيدىكەن، ئەمما ئۇيغۇرلار چوقۇم كىملىكنى كۆرسىتىشى شەرت ئىكەن. 

مۇخبىرنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پائۇل موزۇر ئۆزىنىڭ بىر خىزمەتدىشى بىلەن ماشىنا ئىجارە ئېلىپ ساياھەت قىلماقچى بولغاندا، خىتاي ساقچىلار ئاتالمىش «قاتناش ۋەقەسى» نى سەۋەب قىلىپ، يولنى توسۇۋالغان. ئۇنىڭ بايانلىرىدىكى بىر قىزىق نۇقتا شۇكى، «قاتناش ۋەقەسى» پەيدا قىلغان ئۈچ ماشىنىنىڭ ھەممىسى بىر يۆلىنىشتە توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، سىرتىدا ھېچقانداق سوقۇلغان ئىز يوق ئىكەن. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى بىر خىتاي ساقچى بىزنى يولدا توسۇۋالدى ۋە خىزمەتدىشىمنىڭ قول-تېلېفونىنى تەكشۈرۈپ، ئىچىدىكى بىر تۆگىنىڭ سۈرىتىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. خىزمەتدىشىم سەۋەبىنى سورىغىنىدا، ئۇ ساقچى جاۋابەن، ‹خىتايدا نېمە ئۈچۈن دەيدىغان سوئال يوق› دېدى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت