ئامېرىكانىڭ بىئومېترىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

غەرب ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى ئۇيغۇر مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق بىر بىئومېترىيە ئىلمىي تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنغا قاتنىشىپ، يىغىندا نۇتۇق سۆزلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى بىئومېترىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئانىل جائىن ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدا تەكلىپكە بىنائەن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي بىئومېترىيەلىك تونۇش جەمئىيىتى» نىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، يۈز تونۇش ئاپپاراتى، د ن ئا ئۇچۇر ئامبىرى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىغا ئالغان بىر مەزگىلدە ئۈرۈمچىدىكى بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلىشى ئامېرىكا ئىلىم ساھەسى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 

«كوداستورى» ناملىق تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئانىل جائىن كومپيۇتېر ئىلمىي ۋە بىئومېترىيەلىك شەكىللەرنى تونۇش ئىلمىي ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا «بىئومېترىيە نۇقتىسىدىن: ئەمدىكى نۆۋەتتە نېمە بار›» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. خەۋەردە، ئانىل جائىننىڭ بىئومېترىيە تېخنىكىسى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇش نامىدا يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ، «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ نۇتۇق سۆزلىشى ئىلىم ساھەسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئانىل جائىننىڭ ئاساسلىق چوڭ تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېر سىستېمىسى ۋە بىئومېترىك ئۇچۇر ئامبىرى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن، شۇنداقلا بۇ يىغىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئەھۋالدا ئۇنىڭغا قاتنىشىشى «تېخىمۇ قورقۇنچلۇق» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت