خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسىنى قوللاشنى قارار قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ئۆزىنىڭ ئىككى مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسىنى قوللاشنى قارار قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدىن قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھەلىرى سېناتور ماركو رۇبىيو باشچىلىقىدا تونۇشتۇرۇلغان ««ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى-2019» ۋە شۇنداقلا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى برەد شېرمىن باشچىلىقىدا تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر قانۇنى» دىن ئىبارەت ئىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنى «ھازىرقى بۇ ئاچقۇچلۇق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىقى قانۇن لايىھىلىرىنى قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي تۇرۇپ ماقۇللاش» قا چاقىرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى لاگېرغا تۇتۇلغان ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىسى كېسىلگەن 100 دىن ئوشۇق كىشى بىلەن سۆزلەشكەن ۋە بۇ ھەقتە «ئۇلار قەيەردە» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئورگانلاردىن بولغان كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى بۇ قارارى ئۇيغۇر داۋاسىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەن.