ئامېرىكا ھۆكۈمىتى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك يوللىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 12-ماي كۈنى (ئامېرىكا ۋاقتى) ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تىۋىتتېر ھېسابىدا روزا ھېيتلىق تەبرىكنامە ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بارلىق مۇسۇلمان دوستلار ۋە قوشنىلارنىڭ روزا ھېيتىنى قۇتلۇقلايمەن. بۇ كۈندىكى ئىبادىتىڭلار قوبۇل بولسۇن، سىناقلارغا تولغان بۇ مەزگىلىڭلار سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ بەرسۇن، روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى 12-ماي كۈنى (ئامېرىكا ۋاقتى) ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى، جۈملىدىن ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى مۇبارەكلەپ تەبرىكنامە يوللىغان. تەبرىكنامىدە: «روزا ھېيتقا مۇبارەك! بىز رامىزان ئايىنى ئۇزىتىپ قويغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! روزا ھېيتىڭلارنىڭ شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمىز!» دېيىلگەن.