ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئامېرىكا ھەمبەھىرلىكى» ناملىق رەسمىي تور بېتىدە 14‏-فېۋرال كۈنى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ماقالە ئېلان قىلىندى.

لېي خارتمەن قەلەمگە ئالغان ماقالىدە، ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ھالالغا ئەمەل قىلىشى مەنئى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تورىدا يېقىنقى 2‏-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ 2‏-قېتىم تونۇشتۇرۇلۇشىدۇر.

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئەركەكلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشىنى چەكلىگەنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى جايناماز، قۇرئاننىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ، يانفوندىكى دىنىي مەزمۇنلارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە مەزكۇر رايوندا مىڭلىغان مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ياكى تاقالغانلىقى، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ يۈز بېرىشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ۋە ئىسلامغا ئېتىقاد قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن بېرى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە مۇسۇلماننى لاگېرلارغا قامىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە يەنە ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرا ئىستوننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلۇشى خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىدۇر» دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خىتاي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى، دىنىي تەربىيە ئېلىشىنى مەنئى قىلىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا دىنىي ئىسىم قويۇشنى چەكلەپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ مەجبۇرىي ئۆزگەرتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئىشلار باش ئەلچىسى سام بروۋېنبەكنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» نىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت