ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. بلىنكېن بۇ سۆزلەرنى بايدېن ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە «ئارىلاش سىگنال» بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان. بلىنكېن 28-فېۋرال كانادا تېلېۋىزىيە قانىلى CBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «شۇنداق، مەن شۇنداق دېدىم. مەن ئامېرىكاغا ۋاكالەتەن بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەڭ مۇھىمى پرېزىدېنت بايدېنمۇ شۇنداق دېدى.» بىراق بلىنكېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بايانات بېرىشنى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزى قارار بېرىشى كېرەك ئىكەن.
بلىنكېن بۇ سۆزنى CBC مۇخبىرىنىڭ كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەنلىكى، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقانلىقىلىقى، ئۇنىڭ كانادانى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى دەللىلىشىگە ياردەم قىلغان-قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىغا جاۋابەن ئېيتقان. بلىنكېن: «ھەر بىر دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بۇنى ئۆزىنىڭ قانۇنى ۋە ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئۆزى باھالىشى ۋە قارار قىلىشى لازىم. بىز ئۆزىمىز ئىشەنگەننى ئېنىق بايان قىلدۇق. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە قارار بېرىشىگە قارايمىز،» دېگەن.
بلىنكېن خىتايغا قارشى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تەدبىرلەر خىتاينى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان تېخنىكا، تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىمەسلىك، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلماسلىق قاتارلىق ۋاستىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، بۇنىڭ دۆلەتلەر قىلالايدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بلىنكېننىڭ تەكىتلىشىچە، «ھەرقايسىي دۆلەتلەر خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىپلا قويماي، بەلكى يەنە ئەمەلى ھەرىكەت قوللىنىشقىمۇ كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك،» ئىكەن.