ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى داۋاملىق تەنقىدلەشنى كۈچەيتتى. 13-مارت كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر مەسىلىسى بويىچە بىر يىغىن چاقىرىلدى. مەزكۇر يىغىننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بۇ يىغىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار ئەدلىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى كەللىي كۇررىي خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىق قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۈزۈمىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، لاگېرلاردىكى مىليونلىغان تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، كېللىي كۇررىي خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاينى قوللاپ ئېلان قىلغان باياناتىنى تەنقىدلەش بىلەن بىرگە يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى ماختىغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا كېللىي كۇررىي خانىم بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنىز ۋە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىت ئۆمەر بېكئالىمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز پاكىتلار ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا ئاز دېگەندە بىر يېرىم مىليون ئادەم بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنى سىستېمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، دەپ ئاتىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي مەزكۇر يىغىن داۋاملاشقان ۋە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. بۇ يىغىنغا ئەنگلىيە كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ھەيئىتى قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

ئەنگىلىيەنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللەر ھەيئىتى تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىرغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدىكى بىر دېپلوماتى ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر يىغىننى «خىتايغا ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي يىغىن» دېگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا لاگېر يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭمۇ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت