ئامېرىكا ئەلچىخانىسى: «ئامېرىكا بارلىق دىپلوماتىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى خورلىغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-04-02
Share

ئامېرىكانىڭ گرۇزىيەدىكى ئەلچىخانىسى 1-ئاپرېل خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكانىڭ خەلقارا شېرىكلىرى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ، زۇلۇمنى كۈچەيكەن دىكتاتۇرلارغا قارشى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغانلىقى، بارلىق دىپلوماتىك ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى خورلىغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنى خورلىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى بۇنىڭ سىگنالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ «خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇقەددەس قىممەت ئۆلچىمى» دەپ كۆرسەتكەنلىكى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. خەۋەردە بلىنكېننىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى خورلىغانلىقى، رايوندىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان بۇ ئاز سانلىق مىللەت توپىنىڭ ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغان، مەجبۇرى ئەمگەككە سالغان، كەڭ-كۆلەملىك تۇغماس قىلغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا خەلقارا شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان ھاكىمىيتەتلەنى جازلايدۇ ۋە توسۇيدۇ. كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنى خورلاشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى جازالىدى.»

خەۋەردە يەنە بلىنكېننىڭ «پرېزىدېنت بايدېن كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا تاشقىي سىياسىتىنىڭ مەركىزىگە قويۇشنى ۋەدە قىلدى»، «بىز بارلىق دىپلوماتىك تەدبىرلەرنى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايمىز. ئىنسان ھەقلىرىنى خورلىغۇچىلارنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز» دېگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت