ئامېرىكادىكى بىر ساياھەت تورى خىتاينى ساياھەت قىلىشتا ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا ھەمشېرىك بولۇپ قالماسلىقنى ئاگاھلاندۇردى
2023.04.07
ئامېرىكادىكى بىر داڭلىق بىر ساياھەت تورىدا 2-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، ساياھەتچىلەر، ئىستىبدات دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىشتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى، بولۇپمۇ خىتاينى ساياھەت قىلىشتا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەمشېرىك بولۇپ قالماسلىقىى ئاگاھلاندۇرۇلغان. «ساياھەت يوقلىمىسى» ناملىق تور بەتنىڭ يازغۇچىسى لەيسى فالز قەلەمگە ئالغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىشتا ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىشنىڭ ۋاقتى ئىكەن. لەيسى فالز، ساياھەتنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ زور كىرىم مەنبەسى ئىكەنلىكى، خىتايدەك دۆلەتلەرگە ساياھەت قىلىش ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا ۋاسىتىلىك تۆھپە قوشقانلىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«ساياھەت ئەخلاقىي: كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلىشقا بولامدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدا، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكتەك شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بېرى بىر مىليون 700 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەزكۇر ماقالە خىتاينىڭ شەرقتىكى ئۆلكە-شەھەرلەردە ياشايدىغان پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر ئىلىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە سىياسىي خاراكتېرلىك ساياھەتكە تەشكىللەپ، ئۇلارغا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ پارچىسى» دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، رايوندا نۇرغۇن مۇزېي ۋە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاتالمىش «ھەربىي قورغانلىرى» نى قايتا ياساپ چىققان. لەيسى فالزنىڭ ئېيتىشىچە، ساياھەتچىلەر ھوشيار بولۇشى، ساياھەتكە بارماقچى بولغان دۆلەتلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىشى، ئەگەر بۇ دۆلەتتە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىنغان بولسا ياكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا، ئۇ مەنزىلگە ساياھەت قىلىشنى قايتا ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن.