ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان باشلىقى مايكېل ماككول ۋە رەئىسى جورجىي مېيكىس ئورتاق ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ھەققىدە بىر قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
قاراردا پرېزىدېنت بايدېن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىشقا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارشى كۆپ تەرەپلىك جازا يۈرگۈزۈشكە ۋە باشقا بارلىق ئاماللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە چاقىرىلغان.
مايكىل ماككول باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ‹يامان سۈپەتلىك ئۆسمە› دەپ ئاتىدى. بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتەك ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىمىز بار».
جورجىي مېيكىس بولسا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەت. خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ تەھدىت قىلىشتەك بۇ مۇئامىلىنى ئەيىبلىشى كېرەك» دېگەن.
يۇقىرىدىكى بۇ قارار لايىھەسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ۋە ئۇنى جازالاش يولىدا كۆرسەتكەن يەنە بىر تىرىشچانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
