پېتىسبۇرگ پوچتىسى گېزىتى: «ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى «پېتىسبۇرگ پوچتىسى گېزىتى» 11‏-ماي كۈنى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ لاگېردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى ھېسابلاپ چىقىشى، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئۈچۈن جىددىي سىگنال ئىكەن. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى رەندى شرايۋېر، 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ «جازا لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. «پېتىسبۇرگ پوچتىسى گېزىتى»، خىتاينىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا دىنىي كىتابلارنى ئۆگىتىشنى قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشنى چەكلىگەنلىكى، ئۇنىڭ يەنە كەڭ كۆلەملىك د ن ئا ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىپ، رايوندا ھەربىي ھالەت قانۇنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ جۇغراپىيەۋى-سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردىن خىرىس قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ رادىكال ئىسلامغا قارشى تۇرۇش نامىدىكى كەسپى ماھارەت مەركەزلىرىدە قاماقلىق كىشىلەرنىڭ 3 مىليونغا كۆپەيگەنلىكى، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ «جازا لاگېرى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «كۆپ خىل دىنلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى ئامېرىكانىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق پرىنسىپلارنىڭ بىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقىدۇر. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھەر بىر دۆلەتتىكى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداشنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دىن ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا زۇۋان سۈرمەسلىكتەك پراگماتىك يول تۇتماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا بىز ياشاپ كەلگەن پرىنسىپلار ئۈچۈن دەس تۇرۇشى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن گەپ قىلىشى كېرەك.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت