«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىنىڭ ئوبزورچىسى جوش روگېن 13-ماي كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىشىنى ماختىغان، بىراق ئۇنى ھېسسىداشلىق قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىققا، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە تېخىمۇ كەسكىن بولۇشقا چاقىرىپ كەلگەن جوش روگېن بۇ چاقىرىقنى 13-ماي «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا ئېلان قىلغان «بايدېن خىتاي تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەندە نېمە ئىش بولدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ئۆتكەن ھەپتە ئاقسارايدىكى روزا ھېيتلىق پائالىيەتتە ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىغان. بۇ بايدېننىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 16 ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى بىۋاستە ئۇلاردىن ئاڭلىشى ئىكەن.
جوش روگېن ماقالىسىدە، بايدېننىڭ ئۇلارغا ناھايىتى ھېسسىداشلىق قىلغانلىقى، بايدېننىڭ ئىنكاسى «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىنى ‹قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىش› دىگەن بۇرۇنقى پرېزىدېنتنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، قارشى ئېلىنىدىغان بىر سېلىشتۇرما» بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
لېكىن جوش روگېننىڭ ئېيتىشىچە، «بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ نىشانىدىكى ئامېرىكالىقلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك،» ئىكەن. جوش روگېن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەركىتىگە قارىتا چۈشەنچىسى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بەلكىم، ئەمدى پرېزىدېنت ئىككى ئامېرىكالىق شاھىتنىڭ كەچمىشىنى ئاڭلاپ، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ئۇ ئەمدى ھېچكىم ماڭا بۇنى ئېيتمىدى، دىيەلمەيدۇ،» دېگەن.