گوردون چاڭ: ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى گوردون چاڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گوردون چاڭ 13-ماي كۈنى، ئامېرىكادىكى «برېيتبارت» ناملىق خەۋەر تورىنىڭ رادىيو پروگراممىسىغا قاتناشقاندا ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان. ئۇ بۇ لاگېرلارنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيەسىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» بىلەن خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاشلىقىنى ئىپادە قىلىپ: «بۇ لاگېرلاردا ئىنسانلار ئۆلىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ لاگېرلاردا زەھەرلىك گاز ئۆيلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان سىياسەتلەر ئىجرا قىلىنماقتا. بىز دائىرىلەرنىڭ بۇ جەسەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى سېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز» دېگەن.

گوردون چاڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ شىمالىي كورېيەدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىنمۇ قورقۇنچلۇق بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان.

گوردون چاڭ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي بىر قانۇنلۇق دۆلەت ئەمەس. بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا قاراپ شۇنداق دېيەلەيمىزكى، ئەگەر، بۇ بىر قىرغىنچىلىق بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ، بىر ئاز سانلىق مىللەتنى يوق قىلىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر، يەنى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر».

گوردون چاڭ سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ ئەينى يىللاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسى ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورناتمىغانلىقىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سەمىگە سېلىپ: «ئامېرىكا بۈگۈنمۇ خۇددى شۇ ناتسىستلارغا ئوخشاپ قالغان خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەنمۇ ئالاقە قىلماسلىقى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت