خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىدلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش قىلمىشلىرى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنى «پۈتۈنلەي ئاساسسىز باھا بېرىش» دەپ تەنقىدلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 11-ئىيۇندىكى سانىدا ئېيتىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «كۆز بىلەن كۆرگەنگە ئىشىنىش ئەڭ ئاقىلانىلىقتۇر» دېگەن ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدا ھېچقانداق «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، بۇ يەردە بار بولغانلىرىنىڭ پەقەت «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى، بۇ مەركەزلەر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «ھېچقانداق زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇنداقلا «شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى ئامېرىكىدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانىدىن ئون ھەسسە ئارتۇق» دېگەن. ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسچىتلەرنىڭ قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيونىڭ سۆزلىرىنى تەنقىدلىشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ خەنخۇينىڭ تولىمۇ قوپاللارچە سۆزلىرىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى بىرياقلىق قىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىدلىمەكچى بولغانلار سوغۇق ئۇرۇشنىڭ قەبرىلىرىدىن ئۆمىلەپ چىققان مۇردىلاردۇر. ئۇلار ھېچقاچان يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى پوش دەپ باقمىغان» دېگەن. شۇنداقلا «مىليونلارچە كىشى لاگېرغا قامالغان» دېگەن باياننى «خەلقئارادا جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا سۇۋىغانلىق» دېگەن.

ھالبۇكى مۇتەخەسسىسلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىزگە مەلۇم بولغانلىرى پەقەت مۇزتاغنىڭ چوققىسى خالاس» دېيىشمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت