ئىسلام داھىيلىرى ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتقان مۇئامىلىسى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلماقتا
«ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىمەن، دەپ جاكارلىغان كىشىنىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرقانداق مۇسۇلمان دۆلىتى قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.»
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-07-09 -
-
-
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەمدە دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تېگىشلىك سەھىپە ئاجرىتىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇشىغا ئەگىشىپ مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان «ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكرىنىڭ ئۆزگىرىشى» بۇنىڭدا ئەڭ چوڭ مىسال بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
«چەتئەل سىياسىتى» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئىيۇلدىكى سانىغا بېسىلغان ئەزىم ئىبراھىمنىڭ مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىسىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدە لاگېرلارغا قامىلىشى، لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭ بولسا قاتتىق نازارەت ئاستىدا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھازىر ھەممىگە مەلۇملۇق پاكىت بولۇپ قالغانلىقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ 2019-يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ئەھۋالنى قاتتىق ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ.
ئاپتور شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى مەركەز قىلغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئاتوم قورالىغا ئىگە بىردىن بىر مۇسۇلمان دۆلىتى، دەپ قارىلىۋاتقان پاكىستاننى ئۆزلىرىنىڭ بىر بېقىندى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورالغاندا «بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم يوق ئىكەن» دەپ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ياكى قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
شۇلاردىن كېيىن ئاپتور ئىسلام دۇنياسىدىكى غوللۇق دۆلەتلەردىن ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر قاتارلىق خىتايدىن شۇنچە يىراق جايلاردىكى مەملىكەتلەرنىڭمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىرنەرسە دېيەلمەيۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات بولغان «ئىسلام ھەمكارلىقى تەشكىلاتى» نىڭمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلماسلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ بۇلارنىڭ ئىزچىل ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پەلەستىندىكى ئەھۋال ھەممىگە ئايدىڭ. ئەمما ئىسرائىلىيە ھېچقاچان پەلەستىنلىكلەرنى لاگېرغا قامىغىنى، ئۇلارغا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزگىنى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر. ئەمما نېمىشقا ئۇلار خىتاينى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ.
ئاپتور ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل غەرب دۇنياسىنىڭ كۆكرەك كېرىپ سۆز قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن خىتاينى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالقىشلاپ «ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى پۈتۈنلەي مەنئى قىلىمەن، دەپ جاكارلىغان كىشىنىڭ ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرقانداق مۇسۇلمان دۆلىتى قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.