ئامېرىكادا «شىنجاڭ سىنىپلىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا ئامېرىكادىكى روز-ھۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناس پروفېسسورى تىمۇسى گروۋېسنىڭ «خىتايدا بۆلۈنمەسلىك مۇزاكىرىسى: شىنجاڭ سىنىپلىرى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ، ئامازون تورىدا سېتىلىشقا باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىتاب «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى تەتقىقات ئەسىرى ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2000‏-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇتۇشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ئەسەردە مانا شۇ سىنىپلارنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىدىن قانچىلىك ۋاز كەچكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيەت كىملىكى» نى قانچىلىك قوبۇل قىلغانلىقى چوڭقۇر ئانالىز قىلىنغان.

ئاپتورنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇلارنىڭ مەھەللە ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، ئۇلارغا ئورتاق خىتاي تىلى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرۈش ئۇرۇنۇشى كومپارتىيە كۈتكەندەك ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمىغان. ئاپتور ئەسىرىدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ كومپارتىيە ئۈمىد قىلغان يەردىن چىقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاپتورنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىش توغرىسىدىكى بېسىملىرىغا قارىماي، يا ئىچكى ئۆلكىلەردە قالغان يا باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىق يولىنى تاللىغان. ئاپتور ئەسىرىدە يەنە ئۇيغۇر رايونىغا قايتىپ بارغانلىرىنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نىڭ قۇرۇلۇش پروگراممىسىغا خىلاپ ھالدا كومپارتىيىگە خىزمەت قىلغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يۇرتىغا قايتىپ بارغانلارنىڭ دۇچار بولغىنى ئۈمىدسىزلىك، بىئارامچىلىق ۋە مەمنۇنىيەتسىزلىك ئىكەن. تىمۇسى گروۋېس پەيشەنبە كۈنى تۋىتتېرغا يوللىغان مەزكۇر كىتابى ھەققىدىكى ئۇچۇرىدا «بۇ ئاقكۆڭۈل ۋە جەسۇر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىپ، كەچمىشىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قوينىنى ئاچقانلىقى» غا رەھمەت ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت