خىتاي، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9‏-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا سۆزلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، مايك پومپېيونى ئۇيغۇرلار ھەققىدە «مەسلىيەتسىزلىك بىلەن سۆزلەش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

مايك پومپېيو 6‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ كانزاس شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە: «بىز بۇ كىشىلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئەركىنلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان كىشىلىك تۈپ ھەق-ھوقۇق مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتۇلغان مۇئامىلىنىڭ بۇ ئەسىردە يۈز بەرگەن دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر داغ» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە بۇ يەردىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ كۆلىمىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكى، نۆۋەتتىكى مەسىلە باشقىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى «بۇ ئىشنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپئەئەتىگە پايدىلىق ئەمەسلىكى»، «باشقا ئىنسانلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە قايىل قىلىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

لېكىن، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى پومپېيونى تەنقىدلەپ: «بۇنىڭ ئالاقىدار ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭ توغرىسىدا مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلىشى، خىتاينىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش سىياسىتى توغرىسىدا قالايمىقان سۆزلىشى ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولۇپ، چەتئەلنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» ئىكەن. خۇئا چۈنيىڭ يەنە «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتىنىڭ باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقى» نى تەكىتلىگەن. مايك پومپېيو كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سۆزىدە خىتاينىڭ «بۇ لاگېرلار كىشىلەرنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ رادىكاللىق ئىدىيەسىنى يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن قوغدايدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت