ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنى جازالاشنى جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇرنى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇشتا رولى بار، دەپ قارالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ۋە ھازىر ۋەزىپىدىكى ئەمەلدارلىرى مەزكۇر گېزىتكە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جازالاشنىڭ ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ئىقتىسادى ئېمبارگو ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا قارشى ئالغان تۇنجى جازالاش تەدبىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ۋە شىركەتلىرىگە تەقىبلەش تېخنىكىسى سېتىشىنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشىغا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلاشماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، بۇ مەسىلە بىر قانچە ئايدىن بېرى ئاق ساراي ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىدا مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بېرى جىددىيلەشكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو بىلەن مالىيە مىنىستىرى ميۇچىنغا خەت يېزىپ، 7 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن جىددىي تۈس ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىس باشچىلىقىدىكى 17 نەپەر دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئالدىنقى ھەپتە پومپېئو بىلەن منۇچىنغا خەت يېزىپك چېن چۈەنگو، سوڭ جىنروڭ، خۇ ليەنخې، جۈ خەيلۇن، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

ئارقىدىنلا يەنە ئۆتكەن ھەپتە ئاۋام پالاتاسىنىڭ يەنە بىر تۈركۈم ئەزالىرى مايك پومپېئوغا خەت يازغان ئىدى. «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ھازىرغا قەدەر خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبلىك جازالاپ باقمىغان. ئەگەر ئۇ بۇ قېتىم بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىسا، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق سەۋەبلىك جازالىشى بولۇپ قالىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت