ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرىنفېلد خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرىنفىيلد (Linda Thomas-Greenfield) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ھەرگىزمۇ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى 26-ئۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا قىلغان. ئۇ شۇ كۈنىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:

«ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت قورقۇنچلۇق تەپسىلاتلار، جۈملىدىن ئاساسسىز قارىلاش، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، قېيىن-قىستاق، مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاساس قىلغان كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش، شۇنداقلا تۇتقۇنلارغا قىلىنىۋاتقان پەسكەشلەرچە جىنسىي زوراۋانلىق قاتارلىقلار ئاشكارىلاندى. مانا بۇ يىرگىنىشلىك ۋەقەلەر، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ تۇتقۇندىكىلەرنى قايسىي دەرىجىدە ھاقارەتلەۋاتقانلىقىنى ئىنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى شەك-شۈبھىسىزكى، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئېنىقكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئالدىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم سوئال-بىزنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىشىمىزدۇر.»

لىندا توماس گىرىنفېلد خانىم، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن:

«ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان شىنجاڭدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاشكارىلاشنى داۋام قىلىدۇ. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتىدىكى تەۋسىيەلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز. بىز ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي تولۇقلارنىڭ ئەزالىرى بىلەن داۋاملىق بىر سەپتە تۇرۇپ، قىرغىنچىلىقتا قولى بولغان جىنايەتچىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز.»

لىندا خانىم يەنە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا ب د ت نى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان.

ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ يىغىنغا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بىلەن گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى زىبا مۇراتلارمۇ قاتناشقان.