ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1‏-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تېررورلۇق ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق دۈشمىنىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئاتالمىش «رادىكاللار» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بېيجىڭ بۇ رادىكاللارنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەپ تەرىپلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. لېكىن دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قايتۇرغان ئىنكاسى بىلەن ئۇنىڭ تىنچ ئۆكتىچى پائالىيەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى پەرقلەندۈرمەك مۈشكۈل ئىكەن.

دوكلاتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2017‏-يىلدىن بېرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۈندىلىك سىياسى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي يەنە يېڭى قانۇنى بەلگىلىمە ۋە قانۇنى ۋاستىلارنى قوللىنىپ، نازارەت تېخنىكىسى، شەخسىي ئۇچۇر توپلاش، د ن ئا ئەۋرىشكىسى يىغىش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى كونترول قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ باستۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتەرگەن. 

دوكلاتتا يەنە 2018‏-يىلى 6‏-ئايدا خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە دائىر يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، تېررورلۇق-ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان كىيىم-كېچەك ۋە سىمۋوللارنى كىيىش ياكى تاقاشنى چەكلىگەنلىكى، توردا تېررورلۇققا دائىر ماقالە يازغان، ئېلان قىلغان ياكى ئۇنىڭغا دائىر سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، شۇ يىلى 10‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەۋجۇت بەلگىلىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قانۇنلاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا، «سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا تىكەنلىك سىم توساقلار بىلەن ئورالغان، كۆزىتىش مۇنارىلىق ۋە تەك ئىشىكلىك بۇ مەركەزلەرنىڭ تۈرمە بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت