«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئامېرىكانىڭ «تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئامېرىكانىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت ئارخىپى تور بېتى» دە 5-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ھۆججەتكە قارىغاندا، يۇقىرىقى قارار ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئىمزاسى بىلەن 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان. ھۆججەتتە مايك پومپېيونىڭ «. . . . مەن ETIM دەپ ئاتىلىدىغان ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نىڭ «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىلىشىنى بىكار قىلدىم. بۇ قارار ئامېرىكا فېدېراتسىيە تىزىملىكىدە ئېلان قىلىنىدۇ،» دېگەن يوليورۇقى ئورۇن ئالغان.

ئامېرىكا 2001-يىلى 11-سىنتەبىر كۈنى تېررولۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خەلقئارالىق تېررولۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بويىچە ئۆزىنى «تېرورلۇقنىڭ قۇربانى» دەۋالغان خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن مەلۇماتلار ئاساسىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «تېررورچى تەشكىلات» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

بۈگۈن بۇ قارارنىڭ بىكار قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئىنكاس قوزغىدى. ئۇلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنىڭ نۆۋەتتە بارغانسېرى كۆپ ساھەگە ۋە كىشىلەرگە مەلۇم بولۇۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ باھالىدى.