ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى 3-نويابىر كۈنى، يەنى دەل ئامېرىكادا پرېزىدېنتلىق سايلىمى باشلىغان كۈنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ھەققىدە ۋىدىيولۇق بايانات تارقاتتى. ۋىدىيودا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە بۈگۈن مىليونلارچە كىشىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت، دىنى ۋە مىللىي بېسىم، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا قامىلىشقا ئوخشاش ئېغىر زۇلۇملار ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلاردا قېيىن-قىستاق، مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇشتىن ئىبارەت روھىي ۋە جىسمانىي ئىسكەنجىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «ئۇيغۇرلار بۈگۈن خىتاي كومپارتىيەسىگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە، ئۆز دىنىدىن تېنىشقا، ئىندىۋىدۇئاللىقىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە يەنە شۇ ئۆزىنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان خىتاي كومپارتىيەسىگە ھەشقاللا ئېيتىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.»
مەزكۇر ۋىدىيودا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، ئۇيغۇرلار كورلادىكى پويىز ئىستانسىسىدىن نامەلۇم ئورۇنغا يۆتكەلگەندە قولغا چۈشكەن كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى مورگان خانىمنىڭ تەسىرلىك بايانى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن. مورگان خانىم بايانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشتەك «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ۋە خىتاينىڭ ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ جىنايەتلەر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكارلىققا تارتىلمىغۇچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدىكى ماللارنى تۇتۇپ قېلىش، مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرلىرى قويۇش، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ماقۇللاش ئارقىلىق تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
4-نويابىر كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ تىۋىتتېر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى تەنقىدلىدى. ئۇ ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېـتىدىكى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئاجرىتىلغان سەھىپىسىدە يورۇتۇلغان زۇلۇملارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇستەبىتلىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئەركىنلىكنى سىستېمىلىق چەكلىشى خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ ماھىيىتىگە پۈتۈنلەي زىت،» دەپ يازغان.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دەل ئامېرىكادا پرېزىدېنتلىق سايلىمى باشلانغاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يورۇتۇشى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى تەسىرلەندۈردى. ئۇلار بۇنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىۋاتقان يۈكسەك ئەھمىيىتىنىڭ نامايەندىسى، دېدى.