ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-19
Share

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زور تۇتقۇنى ۋە سىياسى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنىڭ سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئەركىن دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى قارارنىڭ ئېلىنىشىغا ماس ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قاتار جازا تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» گە چېتىشلىق بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا تاموژناسىدا مۇسادىرە قىلدى.

ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرچە ئىجرا قىلغان قارشى تەدبىرلەر ئىزچىل يېتەرلىك بولمىدى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلالىشى ھەققىدىكى پىكىرلەر يېقىندا ئابدۇۋەلى ئايۇب ۋە يوناھ دايموند ئىمزاسىدىكى ئوبزور ماقالىسىدا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. «دىپلومات» گېزىتىنىڭ 16-ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ زور قىرغىنچىلىقنى تاشقىي دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ساھەنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش يولىدا تۈرلۈك پەسكەشلىكلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ساھەگە سوزۇلغان «قارا قولى» نىڭ ئالىقاچان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يېتىپ كەلگەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئاپتورلار ئەنە شۇ خىل رېئاللىقنى ئەسلەپ ئ‍ۆتۈش بىلەن بىرگە نۆۋەتتىكى ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەش ۋە مۇساپىرلىققا ئىلتىماس سۇنۇش ئىشلىرىنى تېزلىتىپ بىرتەرەپ قىلىش، باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى چەكلەش، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى چەكلەش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نى تېزدىن ماقۇللاش، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «ماگنىتىسكى قانۇنى» بويىچە جازا بېرىش، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىگە پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «جامال قوشۇقچىنىڭ قاتىللىرىدىن ھېساپ ئېلىش» شەكلىدە جازا بېرىش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەكلىپنى سۇنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىش چاقىرىقلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت