ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى نامزاتى: «ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمان تاۋاپگاھلىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىدا مەسىلە يوق»

مۇئاۋىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ستېفان بېيگان 20‏-نويابىر كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمان تاۋاپگاھلىرىنى چېقىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىدا مەسىلە يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ترامپ يېقىندا ئۆزىنىڭ شىمالىي كورېيە ئىشلىرىغا مەسئۇل مەزكۇر ئالاھىدە ئەلچىسىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىق نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 20‏-نويابىر كۈنى گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرغان ئىدى. ستېفېن بېيگان يۇقىرىقى سۆزلەرنى كېڭەش پالات ئازاسى كورىي گاردنېرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان. ئۇ، ئۆزىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتكە دائىر خەۋەرنى ئوقۇغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «شۇنداقلا مەن يەنە بىر ھەپتە ئاۋۋال خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنغان مازار، مەسچىت قاتارلىق مۇسۇلمان تاۋاپگاھلىرىنىڭ سىستېمىلىق يوقىتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر رەسىملىك دەلىللەرنى كۆردۈم. مەن بۇ خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقىغا سوئال قويۇشقا ھېچقانداق سەۋەب يوق، دەپ قارايمەن» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە «قورقۇنچلۇق ھادىسىلەر» نىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، دىنىي ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا بۇ خىل نىشانلىق زەربە بېرىش قوبۇل قىلىنمايدىكەن.

يىغىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورىي گرادنېر، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە دائىر كىشىنى چۆچۈتەرلىك ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىغانلىقى، ستېفېن بېيگاننىڭ ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، خرىستىئانلار ۋە باشقا دىنىي، ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا قانداق قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى سورىغانىدى. لېكىن، ستېفېن بېيگان كورىي گاردنېرنىڭ «بىز يەر شارى ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ ئىشتا جاۋابكارلىقى بار خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىمزى كېرەك، دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىغا «بىز ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىمىز» دېگەن.