خەلقئارا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىلماقتا.
ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بولغان «ۋىلسون مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى برەدلىي جاردىن 20-نويابىر كۈنى «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» دا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلىرىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك» ماۋزۇسىدا بىر پارچە مۇلاھىزە قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چوقۇم ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن ۋە بۇنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
ئاپتور ماقالىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى 28 خىتاي مۇئەسسەسىنى «قارا تىزىملىك» كە ئالغان بولسىمۇ، يالغۇز بۇنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى شىركەتلەرگە ۋە بۇ سىياسەتلەردە باش رول ئېلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ھەقىقەتەن زور رولى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئىككىنچى قەدەمدە ئامېرىكانىڭ چوقۇم بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ماسلىشىشقا كۆندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئاپتور ماقالىدە، ئامېرىكا تەرەپ» ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سىياسىتىگە ھەمكارلاشقان «، دەپ قارا تىزىملىككە ئالغان بىر خىتاي تېخنىكا شىركىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ سىمېن تېلېفون شىركىتىنىڭ ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىغانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرىنى قوللىمىغان تەقدىردە يالغۇز ئامېرىكانىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى جازالىشىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا قارشى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرىگىمۇ ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن. چۈنكى خىتاي ئامېرىكا بىلەن ھازىر سودا ئۇرۇشى قىلىۋاتقان بولغاچقا ياۋروپادىنمۇ ئىقتىسادىي زەربە يىيىشتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ لاگېر تۈزۈمى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختۇتۇشى ئۈچۈن ھەقىقىي ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچى برەدلىي جاردىن مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كرىزىسىنىڭ بۇ ئەسىردە ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئەڭ زور كىشىلىك ھوقۇق رىقابىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش جىنايەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن جاسارەت بېرىدۇ، دېگەن. ئۇ ئامېرىكانى خىتاي ياراتقان «ساقچى دۆلىتى» گە قارشى غەربتىكى شېرىكلىرىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان.
