ئامېرىكانىڭ بېيجىڭ ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

10-دېكابىردىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق» كۈنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوخشىمىغان سورۇنلاردا تىلغا ئېلىندى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېللىي كرېفت سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئاپرېلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا زور كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى يۈرگۈزدى،» دېگەن.

10-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىمۇ ئۆز تورىدا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنۇلار دىيىلگەن: «1948-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغان خىتابنامىدە مۇنۇلار قەيت قىلىنىدۇكى، ھەرقانداق بىر ئىنسان بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ھەق-ھوقۇقلار قاتارىدا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەركىن ئويلاش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تىنچلىق بىلەن يىغىلىش قىلىش ھوقۇقلىرى بار. بۇ مۇھىم ھۆججەتكە قول قويۇش بىلەن خىتاي بۇ خىتابنامىدە قەيت قىلىنغان ھوقۇقلارنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن. لېكىن يېقىنقى ئاشكارلىنىشلار بېيجىڭنىڭ بۇ ئەڭ ئاددىي ھوقۇقلارغىمۇ ھۆرمەت قىلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.»

ئۇنىڭدا يەنە تۆۋەندىكىلەر دېيىلگەن: «. . . بولۇپمۇ بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ‹تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋە ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىۋاتىمىز› دېگەن نام بىلەن خورلاۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر بىئارام بولدۇق. شىنجاڭدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ مەجبۇرىي سولاپ قويۇلغانلىقىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. بۇ خىلدىكى ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، يەنى كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك كونتىروللىقى، مەخپىي كۆزىتىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، دىنى ئېتىقاد ۋە ئەمەللەرنى ئىپادە قىلىشقا قارىتىلغان مۇتلەق باستۇرۇش، ھەتتا كەڭ كۆلەملىك DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نوقۇل ھالدا ئۇيغۇر مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىگە قارىتىلغانلىقى ئېنىق. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەر بىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش توغرىلىق بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەننىڭ ئۈستىگە، يەنە ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان خەلقئارالىق ھۆرمەتكە ئېرىشىشنى كۈتمەسلىكى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى 10-دېكابىر كۈنى يۇقىرىدىكىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت