ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى خىتاي لاگېرلىرىدا غايىب بولغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ۋىدېيوسىنى ئىشلەپ ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-12-11
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى خىتاي لاگېرلىرىدا غايىب بولغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ۋىدېيوسىنى تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدا جاۋابكارلىقى بار شەخس، ئورگانلارنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكانىڭ يەر شارى ئاياللار ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەلچىسى كەرىي كيۇرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى يىمىرىپ، پۈتكۈل نۇپۇسىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» ئىكەن. ئۇ يەنە «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالا چۈشۈرۈش ۋە باشقا نوپۇس كونترول قىلىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ۋىدېيودا خىتاي لاگېرىدا غايىب بولغان ئۇيغۇرلاردىن دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى زىبا مۇرات بىلەن تەتقىقاتچى راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجانىڭ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

زىبا مۇرات سۆزىدە «ئەگەر ئانىسى ھايات بولسا ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بىلىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ياردەم قىلىش» نى تەلەپ قىلغان. ئەقىدە پولات «خەلقئارا جامائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. گۈلچېھرە خوجا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بولۇش ياكى ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئىككى يولدىن بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر خىتايغا قارشى دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىسا، بەلكىم بىز پات يېقىندا ھالاك بولۇشىمىز مۇمكىن،» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت