ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرغان
2022.12.14
يېقىندا ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنس (Nicholas Burns) «10-دىكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
ئۇ بۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «74 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلغانىدى. بۇ خىتابنامە ھەر يىل مۇشۇ كۈندە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەسلىتىدۇ. ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ خىتابنامىدە يېزىلغان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىك ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلماي كېلىۋاتقىنىغا داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ. بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمىز. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ›كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى‹گە قانداق ئەمەل قىلىش توغرۇلۇق قاتتىق ئويلىنىپ بېقىشىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان بىر ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
بۇ بايانات ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا ئەسلا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندۇنېزىيەدە كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچرىشىپ دىيالوگ قۇرۇشىغا يول ئېچىپ بېرىش كېرەكلىكىدە بىرلىككە كەلگەنىدى. «ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 13-دىكابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونى بىلىنكىن 2023-يىل 1-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنى كۈتىۋېلىشنىڭ كونكرېت پىلانلىرىنى تۈزۈپ بولغان. ئانتونى بىلىنكىن خىتاينى زىيارەت قىلغاندا تەيۋەن مەسىلىسىدىن باشقا، كىشىلك ھوقۇق مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.