ئامېرىكا ئىستىخباراتى: ئامېرىكادا تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە تارقالغان ۋەھىمىلىك ساختا ئۇچۇرلارنىڭ كەينىدە خىتاي

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-04-23
Share

ئامېرىكادىكى 6 ئىستىخبارات ئورگىنى ئامېرىكادا تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە ۋەھىمىلىك خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىدا خىتاينىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكادىكى مىليونلىغان كىشىنىڭ تېلېفونلىرىغا ۋىرۇس ھەققىدە ۋەھىمىلىك ئۇچۇرلار كەلگەن. ئۇچۇرلاردا «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ پات يېقىندا دۆلەتنى پۈتۈنلەي قامال ئاستىغا ئالىدىغانلىقى، شۇڭا كىشىلەرنىڭ دەرھال تەييارلىق نەرسە-كېرەكلىرىنى تولۇقلاپ، تەييارلىق كۆرۈشى كېرەكلىكى» يېزىلغان. يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى قامال مەزگىلىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەسكەرلەرنى يۆتكەشنى تاماملاپ بولغان ھامان ئېلان قىلىدىغانلىقى يېزىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچۇرلار 48 سائەت ئىچىدە ئامما ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، ۋەھىمە پەيدا قىلغان بولۇپ، ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى تۋىتتېر ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرلارنى «يالغان» دەپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

ئامېرىكا ئىستىخبارات ساھەسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان ئالتە ئەمەلدار بۇ ساختا ئۇچۇرلارنى خىتايلارنىڭ سىگنال مۇنبەرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق كەڭ تارقاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، خىزمەت مەخپىيەتلىكى سەۋەبلىك ئۇنى قانداق ئېنىقلىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمىگەن.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە ساختا ئۇچۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكالىقلارنىڭ قول تېلېفونلىرىغا كېلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلار بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ باقمىغانىكەن. بۇ قېتىملىق ۋەقە ئامېرىكا ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتىكى يېڭى ئۇسۇللىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئەپ بېرىشىغا يول ئاچقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ئۇچۇر ئەپلىرىدە ساختا كىملىكلەر ئارقىلىق ھېساب ئېچىپ ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتىن بىخەۋەر مىليونلىغان ئامېرىكالىقلار بۇ ئۇچۇرلارنى كەڭ تارقىتىدىكەن. خىتاي ھازىر رۇسىيە ئىلگىرى قوللانغان تاكتىكىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئامېرىكا جامائىتى ئارىسىدا زور پىكىر ئىختىلاپى پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرى ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى دىپلوماتىك ۋەزىپىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق ساختا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىدا رولى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتىكەن. ئامېرىكا خېلى بۇرۇنلا خىتاي دىپلوماتلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئىككى نەپەر خادىمىنى جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن مەخپىي قوغلاپ چىقارغانىكەن.

خىتاي تەرەپ بولسا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن 21-ئاپرېل كۈنىدىكى باياناتىدا بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسىي يوقلۇقىنى ئېيتقان.

بۇ مەسىلە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىنكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت