ئامېرىكادا خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان جاسۇسلار قولغا ئېلىندى، بىر خىتاي تەشكىلاتى «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى» دەپ بېكىتىلدى
2020.10.29
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا زېمىنىدا تۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئورگانلارنى بېكىتىپ چىقىشنى ۋە بۇنىڭغا چېتىلغان شەخسلەرگە تەدبىر قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
28-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تەشكىلات بولغان «خىتاينى تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى» (NACPU) نى «چەتئەل ۋاكالەتخانىسى»، يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى ئورگان دەپ بېكىتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىش، جۈملىدىن بۇ ئورگانلارنىڭ بىۋاسىتە بېيجىڭدىن بۇيرۇق ئالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر. بىز بۇ يىل ئاۋغۇستتا كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىمۇ خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ۋاكالەتخانىسى قىلىپ بېكىتكەن ئىدۇق.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر ئورگىنى بولۇپ، ئۇ ئۆتىچىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ئورنىغا بولغان تەھدىتنى يوقىتىش، بىتەرەپلەشتۈرۈش ھەم شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى چەتئەللەرگە تارقىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.»
ئامېرىكا يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا 2011-يىلى ئىمزالانغان بىر دوستلۇق كېلىشىمىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىرى ۋە خەلقلەرنىڭ دوستلۇق ئۇچرىشىشى دېگەندەك پائالىيەتلەرنىمۇ بىكار قىلغان.
28-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە ئامېرىكادا 5 نەپەر خىتاي جاسۇسى قولغا ئېلىنغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «تۈلكە ئوۋى» ناملىق ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان 5 كىشىنى قولغا ئالغان. ئۇلار ئامېرىكادىكى خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلەر ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى نىشان قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت قىلىش، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قىسماققا ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاشتەك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر رېي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇرۇپ بۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي قانۇن-تۈزۈملەرگە توختىماي خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ،» دېگەن. قولغا ئېلىنغانلار نيۇ-يورك، نيۋ-جېرسىي ۋە كالىفورنىيە شتاتلىرىدىن بولۇپ، ئۇلار جۇ يوڭ، خۇڭ رۇجىن، روڭ جىڭ ۋە جېڭ كوڭيىڭ ۋە مايكىل ماكماخونلار ئىكەن. مايكىل ماكماخون نيۋ-جېرسىي شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خۇسۇسىي رازۋېدچىك بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەرگە تەھدىت سېلىش ۋە بېسىم قىلىش ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەن ئىكەن.