ئامېرىكادىكى پېۋ تەتقىقات مەركىزى( Pew Research Center) نىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، %40 تىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق ھازىر خىتاينى دۈشمەن دەپ قارايدىكەن. بۇ بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 81 پىرسەنت ئامېرىكىلىق خىتايغا سەلبىي نۇقتىدىن قارايدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە 43 پىرسەنت كىشى خىتاينى دۈشمەن دەپ قارايدىكەن. 50 پىرسەنت ئامېرىكىلىق خىتاينى ئامېرىكىغا رىقابەت دۆلەت دەپ قارىسا، 6 پىرسەنت ئامېرىكىلىق خىتاينى ئامېرىكىنىڭ شېرىكى دەپ قارايدىكەن.
پېۋ تەتقىقات مەركىزى 2024-يىل 1-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە قۇرامىغا يەتكەن 3600 ئامېرىكا پۇقراسى ئۈستىدە راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىدىكى نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دوكلاتتا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتاينىڭ كۈچى ۋە تەسىرىنى چەكلەش ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى مۇھىم ئىش بولۇشى كېرەك دەپ قارىسا، پەقەت 8 پىرسەنت كىشى بۇنى مۇھىم دەپ قارىمايدىكەن. ئامېرىكالىقلار يەنە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغىمۇ سەلبىي باھا بەرگەن بولۇپ، 80 پىرسەنت كىشى شى جىنپىنىڭ خەلقئارادا ئىجابىي ئىش قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىكەن، 10 پىرسەنت كىشىنىڭ شى جىنپىڭ ھەققىدە ئېنىق قارىشى يوق ئىكەن.
پېۋ تەتقىقاتچىسى كىرىستىنا خۇاڭ مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان نېگىزلىك تەسىرى ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتايغا سەلبىي قارىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبتۇر» .
