خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خوڭكوڭدا تۇتۇلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 26-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىندا خوڭكوڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلغاندىن كېيىن ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان ئابدۇۋەلى ئابدۇراخماننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئابدۇۋەلى ئابدۇراخمان كورىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خوڭكوڭدىكى دوستىنى كۆرگىلى بارغاندا ئايرودرومدا ساقچىلارنىڭ تۇتۇپ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغان، ئۇ بۇ ئەھۋالنى دەرھال دوستىغا يەتكۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئابدۇۋەلىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرىگە دوستى بۇ ئۇچۇرنى ئاممىغا ئاشكارىلىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدا جەنۇبىي كورىيەدىن خوڭكوڭغا بېرىپ يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىر نەدە ئىكەنلىكى ۋە تەقدىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشى كېرەك. بىز ئۇنىڭ خىتايغا قانۇنسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ۋە خالىغانچە قامىلىپ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش خەۋپىدىن ئەنسىرىمەكتىمىز».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئابدۇۋەلى چەت ئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ قالغان. بۇنداق ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشى، ئۇزۇن مۇددەت قاماپ قويۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد (Alkan Akad) مۇنداق دېگەن: «ئابدۇۋەلى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يوق، يېقىن-يورۇقلىرى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەرسىز. ئابدۇۋەلى ئەگەر خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان بىرەر جىنايەتكە چېتىلغان بولسا، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى، بولمىسا ئابدۇۋەلىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك».

بۇ باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئابدۇۋەلىنىڭ خوڭكوڭدا تۇتۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تەقىپ-نازارەت ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خوڭكوڭنىڭمۇ ئىلگىرىكىدەك مەلۇم ئاپتپونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە ئالاھىدە رايون ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن ھېچ پەرقى قالمىغان بىر جايغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.