«زامانىمىزدىكى ئانا تىللار» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ
2017.11.27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا 1-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت ) نىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى شتابىدا 10-قېتىملىق «ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسى «زامانىمىزدىكى ئانا تىللار: ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە خىرىسلار» ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئانا تىلنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك ئانا تىللارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ھازىرقى زاماندا قانداق تەھدىت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. بۇ خىرىسلارنىڭ زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ غەرەزلىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغانلىقى ياكى زامانىمىزدىكى يەر شارىلىشىۋاتقان تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ياش ئەۋلادلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى قاراپ چىقىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى يىغىن يەنە ئانا تىللار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل يېڭى يۈزلىنىشلەر ھەققىدە ياشلارنىڭ قانداق پىكىردە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە بۇ ئامىللارنىڭ قانداق قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، جۈملىدىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىدىكەن.