ئەنگلىيە تاشقى ئالاقە، فېدېراتسىيە ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسى (FCDO) 15-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېڭ زېگۇاڭنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئەنگلىيە خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھەرىكەتلەردە بولغانلىقىنى، «2023-يىللىق دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا كۆرە، ئەنگلىيە تاشقى ئالاقە، فېدېراتسىيە ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن، خىتاي باش ئەلچىسى ئەنگلىيە تاشقى ئالاقە، فېدېراتسىيە ۋە تەرەققىيات ئىشخانىسىغا چاقىرىپ كېلىندى. مەزكۇر ئىشخانا شۇنى ئېنىق بىلدۈرىدۇكى، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە تور ھۇجۇمى قىلىش، جاسۇسلۇق ئالاقىلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىش ۋە ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ».
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئۈچ كىشى ئەنگلىيە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىنى چاقىرتىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىلگەن. نۆۋەتتە ساقچىلار، ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئەيىبلەشكە چېتىشلىق چەت ئەل ئاخبارات ئورگىنى بولسا خوڭ كوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئىكەن.
7-ماي كۈنى، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇ ھۇجۇمدا ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرى ۋە بىر قىسىم پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، مائاشى ۋە بانكا ئۇچۇرلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى دانكان سىمىس: «بۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە سىستېمىلىق تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا يېتەرلىك دەلىلدۇر» دېگەنىدى.