بىرمىنىڭ دېموكراتىك رەھبەر ئانساڭ سۇكى، ئۆزى تەشكىللىگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىرمىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلار شەرتسىز قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانساڭ سۇكى رەھبەرلىك قىلغان پارتىيە-دۆلەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى پارتىيەسى بىرما پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى بىلەت تاشلاپ ئۆز پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئانساڭ سۇكى «دۆلەت مەسلىھەتچىسى» لىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. دۆلەت مەسلىھەتچىسى باشقا دۆلەتلەردىكى باش مىنىستىرى دەرىجىسىگە توغرا كېلىدىكەن.
سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش قارارى ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۈنى ئالغان قارا ئىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر قارار ئەمەلىيلەشسە، ئوخشىمىغان سىياسىي قاراش سەۋەبلىك نۆۋەتتە بىرما تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان 500 نەپەر سىياسىي مەھبۇس تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىدىكەن.
بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا بۇ 500 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنىڭ كىملىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما ئۇلاردىن 100 نەپىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقانلار ئىكەنلىكى، قالغان 400 نەپىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆكتىچىلەر ئىكەنلىكى خەۋەرلەردە ئاشكارىلانماقتا.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئانساڭ سۇكىغا مەخسۇس تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ قارارىنى تەبرىكلىگەن.
ئىلگىرى بىرمىدا سىياسىي مەھبۇس سۈپىتىدە ئۇزۇن يىل تەقىبتە ياشىغان سىياسىي پائالىيەتچى ئانساڭ سۇكى 2010-يىلى تەقىبدىن ئازاد قىلىنغان ۋە 2012-يىلى ئۆتمەي دۆلەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە سىياسىي سەھنىگە چىققان ۋە ئەركىن سايلىمىغا چۈشكەن.
ئۇنىڭ پارتىيەسى 2015-يىللىق پارلامېنت سايلىمىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرما پارلامېنتىدىكى 86 پىرسەنت ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى.
