سىتوكھولمدىكى ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى ئۆزبېك پۇقراسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم


جۈمە كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى 39 ياشلىق ئۆزبېك پۇقراسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.

تېلېگراف گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلار تېررور گۇماندارىنى ھۇجۇم مەركىزىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مارستا شەھىرىدە قولغا چۈشۈرگەن، گۇماندار ھۇجۇمنى ئۆز قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ئەمما ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.

شىۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر گۇماندار شىۋېتسىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىغا ئېلىنغان بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كومپيۇتېرىدىن دائىش ئېلان قىلغان تەشۋىقات فىلىمى تېپىلغان.

جۈمە كۈنى بىر تېررور گۇماندارى ئوغرىلانغان پىۋا توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سىتوكھولمدىكى بىر مەركىزى سودا كوچىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا 5 ئادەم ئۆلگەن، 14 ئادەم يارىلانغان ئىدى.

كېيىن ساقچىلار ئاپتوموبىلدىن ئۆيدە ياسالغان بىر پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى تاپقان.

بۇ ھۇجۇم ئۆتكەنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.

22-مارت لوندون ۋېستمىنستېر كۆۋرۈكىدە ئاپتوموبىللىق تېررور ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ھۇجۇم 5 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 50 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغان، ھۇجۇمچى ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىلىنىپ، كېيىن دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.

بۇ نۆۋەت سىتوكھولمدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ لوندوندا يۈز بەرگەن ھۇجۇم بىلەن ئوخشاشلىقى دىققەتنى چەكمەكتە.

لوندوندىكى ھۇجۇمنى «دائىش» تېررور تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، سىتوكھولمدىكى ھۇجۇمدىكى مەسئۇلىيەتنى ھازىرچە بىرەر تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

تېلېگراف گېزىتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، شىۋېتسىيە باش ۋەزىرى ستېفان لوفۋېن ھۇجۇمدىكى ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتوموبىل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئوخشاش شەكىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرى، گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىمۇ يۈز بەرگەن.