ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جىن ساكى 18-نويابىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جىن ساكى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ رايون بىز ئەندىشە قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جايدا ھەقلەر بەكمۇ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدىكى بىر مۇھىم تاشقى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى تەبىرنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى جىددىي ئويلاشماقتىكەن.
