خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ بۇ يىلمۇ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2024-يىلى ئىچىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن سىرتقا يۆتكەيدىغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى 240 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. خەۋەرلەردە يەنە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا دائىرىلەرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى شەھەر-بازارلاردا 41 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلگەن. خەۋەرلەردە يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئاقسۇدىن سىرتقا يۆتكەلگەن يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 40 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئاقسۇ يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بۇ پىلانى ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبىدىن غەربنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى كېڭەيگەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئادرىيان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ما شىڭرۈي ئۇيغۇر رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بېرى، رايوندا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تەقىبلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىكەن. نۆۋەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھىيەلەردە كەسپىي ماھارەت سىناق بازىلىرىنى قۇرۇپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. «ئاقسۇ بىرلەشمە ئاخبارات مەركىزى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تېخنىكا ماھارەت مەكتىپىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش سىناق بازىسى قۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە بۇ بازىدا 60 تەك كۇرسانتنىڭ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردە يەنە بۇ تېخنىكا ماھارەت مەكتىپىنىڭ ئۆتكەن يىلى قىشتىن ھازىرغىچە توكچىلىق، باقمىچىلىق، ياشانغانلارنى كۈتۈش، مال توشۇش، كۈتكۈچىلىك قاتارلىق تۈرلەر بويىچە، 101 قارار تەربىيەلەش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 13 مىڭ 400 نەپەر يېزا ئەمگەك كۈچىگە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغان، ئوخشاش ۋاقىتتا سىرتقا يۆتكەلگەن يېزا ئەمگەك كۈچى 41 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يېتىپ بارغان.