ئاقسۇ ۋىلايىتى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپگە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىن 903 نەپەر ئوقۇتقۇچى سەپلىمەكچى بولغان
2023.05.29
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى داۋاملىق تۈردە خىتاي تىللىق ياكى خىتايچىسى ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش ئېھتىياجىنى پەيدا قىلغان.
«بىڭتۇەن خەۋەرلىرى» تورى يېقىندا چىقارغان بىر ئۇقتۇرۇشتا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدىن بىر قېتىمدىلا 903 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ئىچىدە «سىياسىي ئېڭى يۇقىرى بولۇش، 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش، خىتايچىسى ئۆلچەملىك ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇش» دېگەندەك تەلەپلەر قويۇلغان بولۇپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرگە ياش جەھەتتە ئېتىۋار بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن؛ شۇنداقلا بۇ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ھېچقانداق سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن ۋە مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىمىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
خەۋەردىكى ئۇچۇرلارغا كۆرە، بۇ شەرتلەرگە چۈشىدىغانلار ئاساسەن خىتايلار، بولۇپمۇ ئىچكىي ئۆلكىلەردىن تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان خىتاي ياشلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدە چەكلىگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ سېپىدىن قوغلانغان، بەزىلىرى تۈرمە-لاگېر مەھبۇسلىرىغا، بەزىلىرى ئارقا سەپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرى ھەر يىل كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن. كۆزەتكۈچىلەر، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بىر قېتىمدىلا 900 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان قۇرۇغدىلىنىپ قالغان مائارىپ ساھەسىدىكى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدا مىللىي مائارىپنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «2017-يىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندا خىتاي ئالدى بىلەن ئىلىم-مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى سەرخىللارنى يوقاتتى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا باشلىدى» دېگەنىدى.